ياخشى توربېكىتى ناخشا قويغۇچىسى
باش بەت
قوللانما
خەۋەر مەركىزى
بېكەت ھەققىدە
ياخشى ناخشا قويغۇچىسى ئىقتىدارلىرى
ھازىر سىز مەيلى قايسى خارەكتىردىكى توربېكەتكە كىرمەڭ كۆپىنچىسىدە توربەت ئېچىلىشى بىلەنلا تەڭ ناخشا قويۇلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نورغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۋاتقىنى ئېنىق.
سىز ئۆيىڭىزدە توربېكەتنى ئېچىشىڭىز بىلەن تەڭ ياڭراتقۇدىن ناخشا چىقىپ كىتىپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىڭىز ئويغىنىپ كىتىپ باقتىمۇ ؟
ئىشخانىڭىزدا توربەت كۆرگەندە بەت ئېچىلىپ ناخشىنى تاقاشقا ئۈلگۈرمەيلا، يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا چىقىپ كىتىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىڭىزمۇ ؟
ئۇنداقتا سىز ياخشى توربېكىتىنى باشبەت قىلىۋېلىڭ ، بۇ خىل ئاۋارچىلىقلاردىن خالىي بولالايسىز !
ئەلۋەتتە سىز ئۇلانما ناخشىلارنى قويۇپ قويۇپ ، ناخشا ئاڭلىغاچ خىزمەت قىلماقچى ياكى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز ياخشى توربېكىتى ناخشا قويغۇچىسى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ !
داڭلىق توربېكەتلەر يېنىدىكى (ناخشا-مۇزىكا ) دىگەن يەرگە مائۇسنى ئەكەلسىڭىزلا ناخشا قويغۇچ كۈرۈنىدۇ ، سىز شۇيەردىن نادىر ناخشىلارنى تاللاپ ھوزۇرلىنالايسىز !
ياخشى ناخشا قويغۇچىسىدىكى ناخشىلارغا ناخشا تېكىستى قوشۇپ كىرگۈزۈلگەن ھەم ناخشا تېزىملىكىدىكى ناخشىلارنى تەرتىپ بويىچە ئاڭلاش ، تەكرار ئاڭلاش ، ئىختىيارى قويۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ ، ناخشا قويغۇچتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلار سىز ئۈچۈن ئەتراپلىق لاھىيلەنگەن
سىز يەنە ناخشا قويغۇچىسى ئىچىدە تۇرۇپلا ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ئەڭ يېڭى، نادىر ناخشىلاردىن تاللاپ ھوزۇرلىنالايسىز!
سىز يەنە مەلۇم ناخشىنى ئاڭلاۋېتىپ، يېڭىدىن ئۆزىڭىز ئاڭلىماقچى بولغان ناخشىلارنى تاللاپ (قوشۇش) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ناخشا تېزىملىكىگە قوشۇپ قويالايسىز (شۇ ۋاقىتتا ئاڭلاۋاتقان ناخشىڭىزغا تەسىرى بولمايدۇ، ئاڭلاۋاتقان ناخشا داۋاملىق نورمال قويىلىدۇ) .
ياخشى ناخشا قويغۇچىسىغا يەنە ناخشىلارنى تۈرلەر بويىچە ھەم ناخشىچى بويىچە تاپالايسىز، كۆزنەك ئىچىگە يەنە ئەپچىل كىچىك ناخشا ئىزدەش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ ، ئىزدەش كۆزنىكىگە ناخشا ئىسمىنىڭ بىر-ئىككى ھەرپىنى كىرگۈزۈپلا ، ئاڭلىماقچى بولغان ناخشىڭىزنى تاپالايسىز !
قوللانما تۈزگۈچى:
ياخشى توربېكىتى
بارلىق ھوقۇق:
ياخشى توربېكىتىگە تەۋە
|
ئالاقىلىشىڭ